سىلەر تېخىچە ئۇزۇن ساقلانغان كونا ئاشلىقنى يەۋاتقىنىڭلاردا، يېڭى ئاشلىق چىقىدۇ؛ يېڭىسى ۋەجىدىن كونىسىنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «1» 21:12
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۈستۈڭلارغا ئەھدەمنى بۇزغانلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلىۋالىسىلەر، مەن ئاراڭلارغا ۋابا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر.
لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرى بىلەن بەلگىلىمىلىرىنى تۇتمىساڭلار ھەم ئۇلارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ
پەرۋەردىگار ئۆزى سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا قارشى بىر يول بىلەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يەتتە يول بىلەن قاچىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئوبيېكت بولۇپ قالىسىلەر.
پەرۋەردىگار سېنى تاپىنىڭدىن چوققاڭغىچە، تىزىڭ بىلەن پاچاق-پۇتلىرىڭغىچە ساقايماس دەھشەتلىك يارا-چاقىلار بىلەن ئۇرىدۇ.
ئەمما داۋۇتنىڭ كۈنلىرىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت ئۇنىڭ توغرۇلۇق پەرۋەردىگاردىن سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ئاچارچىلىق سائۇل ۋە ئۇنىڭ قانخور جەمەتىدىكىلەر سەۋەبىدىن، يەنى ئۇنىڭ گىبېئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغىنىدىن بولدى، دېدى.
ئەمدى گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلاردىن بولغان تىشبىلىق ئىلىياس ئاھابقا: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ سۆزۈمسىز بۇ يىللاردا نە شەبنەم نە يامغۇر چۈشمەيدۇ، دېدى.
شۇ كېچە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى؛ مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى!
نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن.
چۆل-باياۋاندىكى بارلىق ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە ھالاك قىلغۇچىلار غۇژۇلداپ چىقىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى زېمىننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەممىنى يۇتىدۇ؛ ھېچ ئەت ئىگىسىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى بولمايدۇ.
ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن!
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام،
مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس [پەيغەمبەر]نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛
ئۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆردۈمكى، تۆت پەرىشتە يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇراتتى. ئۇلار ھەرقانداق شامالنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرگە ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن چىقىدىغان شامالنى تىزگىنلەپ تۇراتتى.