پەرۋەردىگار: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بالا چۈشۈرۈپ نەسلىڭنى يوقىتىپ، سەن ئاھابنىڭ ئىسرائىلدا قالغان جەمەتىدىكى ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۈزۈپ يوقىتىمەن؛
TSK
TSK · پادىشاھلار «2» 21:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن كېيىن يەھۇ يىزرەئەلدە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ تەرىپىدىكى بارلىق ئەربابلار، دوست-ئاغىنىلىرى ۋە كاھىنلىرىنى ھېچ كىمنى قالدۇرماي ئۆلتۈردى.
ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ [چۈنكى] ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛
ۋە مەن ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن، ھەققانىيلىقنى بولسا تىك ئۆلچىگۈچ يىپ قىلىمەن؛ مۆلدۈر باشپاناھى بولغان يالغانچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، ۋە كەلكۈن مۆكۈۋالغان جايىنى تېشىپ ئەپكېتىدۇ.
مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن [مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى] پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛
ھەدەڭنىڭ يولىدا ئۆزۈڭ ماڭغانسەن؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭدىكى قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭغىمۇ تۇتقۇزدۇم.
ئەمدى ئۇ ماڭا [مۇنداق بىر ئىشنى] كۆرسەتتى ــ ۋە مانا، رەب تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن قوپۇرۇلغان تام تۈۋىدە، قولىدا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تۇتقىنىچە تۇراتتى؛
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم؛ مېنىڭ ئۆيۈم ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ «ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە «ئۆلچەم تانىسى» يەنە تارتىلىدۇ».