كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك رەبنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، دېدىم.
TSK
TSK · دانىيال 11:32
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس.
شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
ــ سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردە بولغاندەك، مەن ئۇلارغا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمەن.
مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» [يېتەكچىلەرنى] جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ.
شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى بارلىق ئەللەرگە ئېغىر يۈك بولغان تاش قىلىمەن؛ كىم ئۇنى ئۆزىگە يۈكلىسە يارىلانماي قالمايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ.
لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛
ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛
شۇڭا ئەي ئوغلۇم، سەن مەسىھ ئەيسادا بولغان مېھىر-شەپقەتكە تايىنىپ كۈچلۈك بول؛
بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر.
ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى.
ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. [باش پەرىشتە] مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى.