ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى.
TSK
TSK · دانىيال 5:23
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۆز ئىلاھى بولغان داگون ئۈچۈن چوڭ بىر قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە ھەم تەبرىكلەپ شادلىنىشقا يىغىلدى. چۈنكى ئۇلار: ــ مانا، ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز بولغان شىمشوننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېيىشتى.
داۋۇت ئۆز يېنىدا تۇرغان ئادەملەردىن: ــ بۇ فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ ئىسرائىلغا قىلىنغان شۇ ھاقارەتنى يوقاتقان كىشىگە نېمە قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ خەتنىسىز فىلىستىي زادى كىم؟ ئۇ قانداقسىگە مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنلىرىغا ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىدۇ؟ ــ دېدى.
سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. ئەمدى يايراپ پەخىرلەن، بىراق ئۆيدە قالغىن؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟».
ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.
ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛ بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر.
باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر.
ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟
مانا ھازىر ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھازىر ئۆزۈمنى ئۈستۈن كۆرسىتىمەن، ھازىر قەددىمنى كۆتۈرىمەن.
سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى!
ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ!
ئاڭلاڭلار! زىئونغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىساسىنى، يەنى ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىنى جاكارلايدىغان، بابىل زېمىنىدىن قاچقان پاناھ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار!
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛ مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛ (بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!) سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ.
سېنىڭ كۆڭلۈڭ گۈزەللىكىڭ بىلەن تەكەببۇرلىشىپ كەتتى؛ پارلاقلىقىڭ تۈپەيلىدىن سەن دانالىقىڭنى بۇلغىغانسەن؛ مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ياتقۇزدۇم.
ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!».
(ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلىنىپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى بىلەن تەڭ بولماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىدا سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەمدە سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى ۋەيران قىلىۋەتتى.
قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ.
ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەندەك ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرىگە موھتاج ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانىۋارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا [ئېھتىياجلىق بولغان] ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ.
ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.
[يېتەكچى] يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ.
دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى.