TSK

TSK · دانىيال 6:16

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

گەرچە مەن مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھ تىكلەنگەن بولساممۇ، مەن ئاجىز بىر بەندىمەن. بۇ ئادەملەر، يەنى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋەھشىيىلىكىنى مەن كۆتۈرەلمىگۈدەكمەن؛ پەرۋەردىگار رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرسۇن! ــ دېدى.

پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛

سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ.   

زەدەكىيا پادىشاھ: «مانا، ئۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلدى؛ سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى توسقۇدەك مەن پادىشاھ قانچىلىك بىر ئادەم ئىدىم؟» ــ دېدى.

لېكىن شۇ كۈنى مەن سېنى قۇتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ سەن قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايسەن؛

بىز سەجدە قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدايىمىز بىزنى دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداندىن قۇتقۇزالايدۇ؛ ئى ئالىيلىرى، ئۇ چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىن بىزنى قۇتقۇزىدۇ.

ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن!

لېكىن قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكەلسىلە، ــ دېدى.

قىز دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ھازىرلا بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكىلىشلىرىنى خالايمەن، ــ دېدى.

شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ: ــ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! ئۆزىنى پادىشاھ دېگەن ھەربىر كىشى قەيسەرگە قارشى چىققان بولىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.  

لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، ئۇلارغا ئىلتىپات كۆرسەتمەكچى بولۇپ پاۋلۇستىن: ــ يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە مېنىڭ ئالدىمدا بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىنىشقا رازى بولامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.