TSK

TSK · دانىيال 8:18

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى.

ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى؛ ۋە مەن ماڭا سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.   

مەنكى دانىيال ماغدۇرۇمدىن قېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنىلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىدا بولدۇم. لېكىن بۇ غايىبانە ئالامەت كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى.

لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم.

ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى

ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى.