بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن بارلىق قەبىلىلىرىڭلارنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان، ئۆز تۇرالغۇسى بولغان جاينى ئىزدەڭلار، شۇ يەرگە كېلىڭلار؛
TSK
TSK · قانۇن شەرھى 12:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ھالبۇكى، سەن كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە شەھەر-يېزىلىرىڭدا ھالال ھايۋانلارنى سويۇپ (خۇددى جەرەن ياكى كېيىك گۆشىدىن يېگەنگە ئوخشاش)، گۆش يېسەڭ بولىدۇ؛ مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ.
بەلكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تاللايدىغان جايدىلا قىل؛ ئۇنى كەچقۇرۇن، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، يەنى مىسىردىن چىققاندىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاقىتتا قىلىسەن.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىننىڭ ھوسۇلىنى ئالغاندا، سەن يەرنىڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسىنى ئېلىپ، سېۋەتكە سېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىشىڭ كېرەك؛
پادىشاھ رەھوبوئام يېرۇسالېمدا ئاستا-ئاستا قۇدرەت تېپىپ، ئۆز سەلتەنىتىنى سۈرەتتى. رەھوبوئام تەختكە چىققان چېغىدا قىرىق بىر ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەردە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. رەھوبوئامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئۇ ئاممونىي ئىدى.