TSK

TSK · ئەزرا 6:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا: —

ئەگەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك بىر مۇساپىر پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزسۇن؛ يات ئەللىك مۇساپىرلار ئۈچۈن ۋە زېمىندا تۇغۇلغانلار ئۈچۈنمۇ ئاراڭلاردا شۇ بىرلا نىزام بولسۇن.

بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ئەمىرلەر مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى يېنىمغا كېلىپ: ــ ئىسرائىللار، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن، يەنى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىدىن ئايرىپ تۇرمىدى، ــ دېمەك، ئۇلار قانائانىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار، ئاممونىيلار، موئابىيلار، مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.

سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىكتۇر! كۈنلەر يوق بولغۇچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر.

ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن.

ئەمدى بۇ ۋەدىلەرگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئى سۆيۈملۈكلەر، ئۆزىمىزنى ئەتلەردىكى ھەم روھتىكى ھەرخىل پاسكىنىلىقتىن تازىلاپ، خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ئۆزىمىزدە [ئايان قىلىنغان] پاك-مۇقەددەسلىكنى كامالەتكە يەتكۈزەيلى.