مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
TSK
TSK · يۇھاننا 2:16
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلارغا: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى.
ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى.
ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى.
ھەمدە نىيىتى چىرىكلەشكەن، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىخلاسمەنلىكنى پايدا-تاپاۋەتنىڭ بىر يولى دەپ قارايدۇ.
ئۇلارنىڭ زىناخورلۇق بىلەن تولغان كۆزلىرى گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئۈزۈلمەيدۇ؛ ئۇلار تۇتامى يوق كىشىلەرنى ئېزىقتۇرىدۇ؛ ئۇلار قەلبىنى ئاچكۆزلۈككە كۆندۈرگەن، لەنەتكە يېقىن بالىلاردۇر!