شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 4:41
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.
قاراۋۇللار: ــ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ [ئېتىقاد] يولىغا كىرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. بۇ خەۋەر بارلىق قېرىنداشلارنى زور شادلىققا چۆمگۈزدى.
ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.