ــ نىدا قىلىپ جاكارلىغىن، ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ بولۇشىچە توۋلا، ئاۋازىڭنى كانايدەك كۆتۈر، مېنىڭ خەلقىمگە ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى، ياقۇپنىڭ جەمەتىگە گۇناھلىرىنى بايان قىلغىن.
TSK
TSK · ماركۇس 3:17
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ شۇ يەردىن بىرئاز ئۆتۈپ زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپنى ئىنىسى يۇھاننا بىلەن كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە تۇرۇپ تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.
ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ،
ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى.
پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى).
چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.