TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:32

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.

ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز: «شۇ يەردىكى ئادەملەر بىزدىن چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز شۇ يەردە ئاناكىيلارنى بايقىدۇق»، دەپ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى» ــ دېدىڭلار.  

كېيىنكى ۋاقىتلاردا گاتتا يەنە سوقۇش بولدى؛ ئۇ يەردە ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىمۇ، پۇتىدىمۇ ئالتىدىن بارماق بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى؛ ئۇمۇ رەفايىيلاردىن ئىدى.

مەن ئۈستۈڭلەرگە ئادەملەرنى، يەنى خەلقىم ئىسرائىلنى ماڭدۇرىمەن؛ ئۇلار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مىراسى بولىسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلمايسىلەر.

بىراق مەن ئامورىيلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغانمەن، ئامورىيلار كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، مەن ئۈستىدىن ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم.

بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر.