ــ ئىسرائىللار ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى ئەركەك مېۋىسىنى، مەيلى ئۇ ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن؛ ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر، دېگەنىدى.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 3:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
شۇنداق بولدىكى، پىرەۋن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ بىزنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئىنساننىڭ بولسۇن، مالنىڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مالنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى، يەنى ھەممە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن ۋە ئوغۇللىرىمنىڭ ھەربىر تۇنجىلىرى ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ بېرىمەن»، دەپ ئېيتقىن.
بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى مېنىڭكى بولىدۇ؛ چارپاي ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن دەسلەپ تۇغۇلغان ئەركەكلەر، كالا بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭكى بولسۇن.
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى.
مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان.
بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى.
(پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك)