«مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىمنى، شۇنداقلا مەن سىلەرنى خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، ئۆز قېشىمغا ئېلىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «1» 17:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەمدى، سىلەردىن ئىلگىرى، خۇدا ئىنساننى يەر يۈزىدە ياراتقان كۈنىدىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلەر توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە سۈرۈشتە قىلىڭلاركى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
سېنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغانلىقىنى يادىڭدا تۇت؛ شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ئىشنى ساڭا تاپىلىدىم.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا يەشۇئا بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئىسرائىل تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلدى.
كېيىنرەك سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يېرىخوغا بارغاندا يېرىخونىڭ ئادەملىرى ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقا قوپقىنى بىلەن مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛
سەن [ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا] ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ [زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى] ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛ يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ.
خۇداغا: «سېنىڭ قىلغانلىرىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇقتۇر! قۇدرىتىڭ زور بولغاچ، دۈشمەنلىرىڭ ئالدىڭدا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛
پەرۋەردىگار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزغانلار، ئۇ ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان خەلقى بۇنى داۋاملىق بايان قىلسۇن ــ
دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛
ئۆز نامىم ئۈچۈن غەزىپىمنى كېچىكتۈرىمەن، شۆھرىتىم ئۈچۈن سېنى ئۈزۈپ تاشلىمايمەن دەپ غەزىپىمنى بېسىۋالدىم؛
ئۇنىڭ گۈزەل شەرەپلىك بىلىكى مۇسانىڭ ئوڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى بولدى، ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر نامنى تىكلەپ، ئۇلار ئالدىدا سۇلارنى بۆلۈۋەتكۈچى،
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئۇلار تۇرغان ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن چىقىرىشىم بىلەن ئۆزۈمنى ئايان قىلغانىدىم؛