TSK

TSK · سامۇئىل «2» 21:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

مانا، ھازىر پۈتۈن ئۆيدىكىلەر دېدەكلىرىگە قارشى قوپۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگىنىنى بىزگە تۇتۇپ بەرگىن؛ ئىنىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، قەتل قىلغىنى ئۈچۈن بىز جانغا جان ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەنمۇ مىراس ئالغۇچىنى يوقىتىمىز، دەۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يالغۇز قالغان چوغۇمنى ئۆچۈرۈپ، ئېرىمگە نە نام نە يەر يۈزىدە ئەۋلادمۇ قالدۇرغىلى قويمايدۇ، ــ دېدى.

لېكىن خەلق: سىلى چىقمىسىلا، ئەگەر بىز قاچساق دۈشمەن بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ؛ ھەتتا يېرىمىمىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۆزلىرى بىزنىڭ ئون مىڭىمىزگە باراۋەر بولىلا. ياخشىسى سىلى شەھەردە تۇرۇپ بىزگە ھەمدەم بولۇشقا تەييار تۇرغايلا، دېدى.

كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى.

لېكىن مېنىڭ نامىمنىڭ شۇ يەردە بولۇشىغا ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا، مېنىڭ ئالدىمدا قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ھەمىشە يورۇق بىر چىراغ بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرەي.   

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر.

سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن.

[يەھيا] بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار.