(خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)،
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:39
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.
خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز.
سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ [كۈچ-قۇدرىتى] ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ!
پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار،
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى [ئەيسانى] تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان.