TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:36

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

«كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغىنىڭدا، مەن ئۆز پۇشتىڭدىن بولغان نەسلىڭنى سېنىڭ ئورنۇڭدا تۇرغۇزۇپ، پادىشاھلىقىنى مەزمۇت قىلىمەن.   

بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا. ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئۆزلىرىگە: ــ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ ئۇلارنى باقىسەن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى» ــ دېدى.

«سىلەر لاۋىي جەمەتىنىڭ باشلىرىسىلەر؛ ئۆزۈڭلارنى ۋە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلاپ قويغان يەرگە كۆتۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن پاك قىلىڭلار.

سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا قايتقان ۋاقتىڭدا سېنىڭ نەسلىڭدىن، يەنى ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى سېنىڭ ئورنۇڭنى باسىدىغان قىلىمەن؛ مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن.

شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى.

رەھوبوئام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

ئۇززىيا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ بەزىلەر: ــ «ئۇ ماخاۋ بولغان ئادەم» دېگەچكە، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قاتارىدا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا تەۋە [چەترەك] بىر يەرلىككە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!

قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى.

ئەيسا: ــ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! ــ دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: ــ ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، ــ دېدى.

ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى.

چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛