شۇنىڭ بىلەن مۇسا قوپۇپ، ياردەمچىسى يەشۇئانى ئېلىپ ماڭدى. مۇسا خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:5
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئىشلەتكەن بىر جۈپ ئۇينى سويۇپ، ئۇلارنىڭ جابدۇقىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ خەلققە بېرىۋىدى، ئۇلار يېدى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛
ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.
پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى.
كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى
ئۇلار سەپىرىنى داۋام قىلىپ ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، تېسالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگى بار ئىدى.
ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى [خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا] قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.
تۈرمىدىشىم بولغان ئارىستارخۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ بارناباسنىڭ نەۋرى ئىنىسى ماركۇسمۇ شۇنداق (سىلەر ئۇنىڭ توغرۇلۇق تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭلار؛ ئۇ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار)؛