TSK

TSK · دانىيال 7:24

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.

بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.

بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «[چوڭ] يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ.  

ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.  

سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.