ئاندىن ياقۇپ قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: ــ ئەگەر خۇدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ سەپىرىمدە مېنى ساقلاپ، يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بېرىپ،
TSK
TSK · قانۇن شەرھى 23:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن غەزىپىم تۇتىشىپ، سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار تۇل قىلىنىپ، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ.
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرى مۇنداق: —
چەتئەللىكتىن بولسا تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن قېرىندىشىڭدا بولغان قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭ كېرەك.
پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، مەڭگۈگە تەۋرەنمەس.
مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە كىرەي؛ ساڭا قىلغان قەسەملىرىمگە ئەمەل قىلىمەن؛
مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن؛
پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمەيدىغان، جازانە ئالمايدىغان، بەلكى قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىپ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرىدىغان؛
بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!»
سىلەر يەنە بۇرۇنقىلارغا «قەسىمىڭدىن يانما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭگە ئەمەل قىل» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر.