TSK

TSK · ئايۇپ 8:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ساراھ: «خۇدا مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى؛ ھەركىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ»، دېدى.

شۇ كۈنى جامائەت ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك قۇربانلىقلارنى سۇندى ھەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتى، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى زور شادلىق بىلەن شادلاندۇرغانىدى؛ ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ شۇنداق شادلاندى؛ يېرۇسالېمدىكى بۇ خۇشاللىق سادالىرى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى.

ئى ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىپ خۇرسەن بولۇڭلار؛ كۆڭلى دۇرۇسلار، خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار!

تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!

يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.

مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر. مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر.