TSK

TSK · يۇھاننا 19:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، ئىنسان تەرىپىدىن [تۆھمەت بىلەن] رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن.  

ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق.  

ئاندىن لەشكەرلەر ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە جەم بولۇشقا چاقىردى.   

بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى.