چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛ ئۇنىڭ بىر ئەمرى بىلەنلا دېگەنلىرى بەرپا قىلىنغانىدى.
TSK
TSK · ماركۇس 1:41
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، زور بىر توپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پادىچىسىز قوي پادىسىدەك بولغانلىقىغا ئىچ ئاغرىتتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا كۆپ ئىشلارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.
ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر.