خۇدا ئابىمەلەك بىلەن شەكەمنىڭ ئادەملىرى ئوتتۇرىسىغا بىر يامان روھ ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شەكەمدىكىلەر ئابىمەلەككە ئاسىيلىق قىلىشقا قوزغالدى.
TSK
TSK · ماركۇس 3:24
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى.
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
ــ «ۋە مەن مىسىرلىقلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تۇرىشىدۇ، ئۆز قوشنىلىرى بىلەنمۇ سوقىشىدۇ؛ شەھەر بىلەن شەھەر، پادىشاھلىق بىلەن پادىشاھلىق بىر-بىرىگە قارشى ئۇرىشىدۇ؛
ئاندىن مەن يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى تايىقىمنى، يەنى «رىشتە»نى سۇندۇرۇۋەتتىم.
ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛