TSK

TSK · ماركۇس 7:22

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئاراڭلاردىكى نازۇك، ئىنتايىن سىلىق-سىپايە بىر ئادەم قېرىندىشى، قۇچىقىدىكى ئايالى، شۇنداقلا تېخى تىرىك بالىلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛

بۇنى ئاڭلاپ سائۇل ناھايىتى خاپا بولدى؛ بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. ئۇ: ــ داۋۇتقا ئون مىڭلاپ ھېسابلاندى، ئەمما ماڭا پەقەت مىڭلاپ ھېسابلاندى؛ ئەمدى پادىشاھلىقتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، دېدى.

ھالبۇكى، بابىل ئەمىرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى كېلىپ ھەزەكىيا بىلەن كۆرۈشۈپ، يەھۇدا زېمىنىدا يۈز بەرگەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت توغرۇلۇق گەپ سورىغان چاغدا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى مەلۇم قىلىشقا سىنىماقچى، خۇدا ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەتتى.

ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار.

مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم.

لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ئوي-خىياللارنى مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛

ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ».