TSK

TSK · ماركۇس 8:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇ [قۇربانلىقتىن] يېيىشكە تېخى يۇقىرى جايغا چىقماي تۇرۇپلا، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن شەھەردە ئۇچرىشىسىلەر. خەلق ئۇ كەلمىگۈچە تائام يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاۋۋال قۇربانلىقنى بەرىكەتلەيدۇ؛ ئاندىن چاقىرىلغان مېھمانلار تائامغا ئېغىز تېگىدۇ. ھازىر چىقىڭلار، چۈنكى بۇ دەل ئۇنى تاپقىلى بولىدىغان ۋاقىت، دېدى.

بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى.

ئۇ ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىمەندە ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى.

خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ!

ئانىسى چاكارلارغا: ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى.

ھالبۇكى، بىرنەچچە كېمە-قولۋاق تىبېرىياس شەھىرىدىن رەب تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن خەلق نان يېگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.

مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟   

ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما [ئۇلار مەنئى قىلىدىغان] يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى.