TSK

TSK · سامۇئىل «2» 21:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

فىلىستىيلەر توپلىشىپ چىقىپ شۇنەمدە چېدىر تىكتى. سائۇلمۇ ھەم پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغىپ، گىلبوئاھدا چېدىر تىكتى.

ئۇلار ئۇنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئاشتاروت بۇتخانىسىدا قويۇپ ئۆلۈكىنى بەيت-شان شەھىرىدىكى سېپىلغا ئېسىپ قويدى.

ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت: مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى.

يەھۇدانىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇ يەرگە كېلىپ داۋۇتنى يەھۇدا جەمەتىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. داۋۇتقا سائۇلنى دەپنە قىلغانلار يابەش-گىلېئادتىكىلەر، دەپ خەۋەر بېرىلدى؛

فىلىستىيلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىۋىدى، ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى، ئۇلار گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يوقىتىلدى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يابەشكە قايتۇرۇپ كېلىپ، يابەشتىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلدى ۋە يەتتە كۈن روزا تۇتتى.