TSK

TSK · سامۇئىل «2» 21:16

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان پادىشاھلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رەفايىيلارغا، شۇنداقلا ھام دېگەن يەردە زۇزىيلارغا، شاۋەھ-كىرىئاتايىمدا ئېمىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛

ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز: «شۇ يەردىكى ئادەملەر بىزدىن چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز شۇ يەردە ئاناكىيلارنى بايقىدۇق»، دەپ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى» ــ دېدىڭلار.  

ئۇلار ئاناكىيلاردەك «گىگانتلار» دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن موئابىيلار ئۇلارنى «ئەمىيلەر» دەپ ئاتايدۇ.

(شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان).

شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ئاناكىيلاردىن ھېچبىرىمۇ قالدۇرۇلمىدى؛ پەقەت گازا، گات ۋە ئاشدودتا بىرنەچچىسىلا قالدى.

ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى بولسا باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى؛ نەيزىسىنىڭ بېشى ئالتە مىڭ شەكەل كېلەتتى؛ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى.

فىلىستىيلەر كېلىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى؛

يەنە بىر جەڭ گاتتا بولدى؛ ئۇ يەردە ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم بار ئىدى، قوللىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى، پۇتلىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى بولۇپ جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى. ئۇ ھەم رافاھنىڭ ئەۋلادى ئىدى.