ئەتراپىغا توپ-توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇرۇشاتتى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.
ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى.
پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ شابات كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغانلار بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلەپ مۇنازىرىلىشىپ،
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا، پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، جامائەتكە سۆز قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇ سۆزىنى تۈن يېرىمگىچە ئۇزارتتى.
مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر.