TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئىسرائ‍ىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق!

سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى ئادا قىلىپ بەيت-لەھەمگە باردى. يېتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىپ: ــ بىزگە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.

زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛ ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ. [ئۇلار]: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ.

ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس.   

لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى.

ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى.   

خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشاتتى؛ ئۇلار پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولدى. رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى.  

چۈنكى ئەگەر ئۇلار رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ پاسىقلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇلارغا يەنە باغلىنىپ، بويسۇندۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ.