TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن، چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر.

ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛

بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: ــ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى.

ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى

ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا [مۇناسىۋەتلىك] قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ.