TSK

TSK · دانىيال 1:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىندان بېگىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپتۇردى.

[ئەزرا مۇنداق دېدى] ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى،

پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ،

بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ.

ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا، ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار.