TSK

TSK · دانىيال 7:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

[مېنى] ئۆز قولۇڭ بىلەن كىشىلەردىن، يەنى مۇشۇ دەۋردىكى كىشىلەردىن قۇتقۇزغىن؛ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولسا مۇشۇ دۇنيادىلادۇر؛ سەن ئۇلارنىڭ قارنىنى نېمەتلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرزەنتلىرى بىلەن قاندى، بالىلىرىغا بايلىقلىرىنى قالدۇرىدۇ.

دېڭىزدىن شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت زور مەخلۇق چىقتى.

ئەيسا جاۋابەن: ــ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، ــ دېدى.  

مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى.