TSK

TSK · دانىيال 8:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى.

ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭگە ئۈمىد باغلىدىم؛

ئادالەت-خالىسلىق بولسا يولدىن يېنىپ كەتتى؛ ھەققانىيلىق يىراقتا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەقىقەت كوچىدا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ دۇرۇس-دىيانەتنىڭمۇ كىرگۈدەك يېرى يوقتۇر.

قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ كىچىك مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى؛

[شىمالىي پادىشاھ] نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.

ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر.

مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى.