پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەم قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرى قىزىل دېڭىزدا غەرق قىلىندى.
TSK
TSK · مىسىردىن چىقىش 15:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
قىز-ئاياللار نەغمە چالغاندا: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دەپ ئوقۇشاتتى.
ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! [كەڭ ئېچىلىڭلار]! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!
مەن ئۆز سۆيگەن يارىمغا، مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۈچۈن ئۆز ئۈزۈمزارى توغرۇلۇق بىر كۈي ئېيتىپ بېرەي؛ سۆيۈملۈكۈمنىڭ مۇنبەت بىر دۆڭ ئۈستىدە ئۈزۈمزارى بار ئىدى؛
ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ «ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر، ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى!