TSK

TSK · يارىتىلىش 37:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.

ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.

پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. ئۇ: ــ مانا مەن بۇ يەردە، دېدى.

لېكىن ئەلى سامۇئىلنى چاقىرىپ: ــ ئى سامۇئىل ئوغلۇم، دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن، دەپ جاۋاب بەردى.

مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار.