ــ ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛
TSK
TSK · يارىتىلىش 39:4
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛
ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى.
ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ.
سەن ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرۇشقا بېكىتىلدىڭ، بارلىق خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنى تەرتىپكە تىزسۇن. پەقەت تەختتىلا مەن سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ــ دېدى.
ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى.
پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ،
شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن.
ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا، ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار.
ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار.
مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار!