خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى.
TSK
TSK · يارىتىلىش 39:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
«مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟
[دانالىق] سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ.
چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، يات ئادەمنىڭ [زىناخور] ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ.
شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم، دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم. ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم!
سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىدا «يۇقىرى جاي»ىڭنى سالدىڭ؛ سەن ئۆز گۈزەللىكىڭنى يىرگىنچلىك قىلىپ، تېنىڭنى ھەربىر ئۆتكۈچىگە تۇتۇپ، پۇتۇڭنى ئېچىپ ئۆزۈڭنى بېرىپ پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ.
بۇزۇقلۇقتا سەن باشقا ئاياللارنىڭ ئەكسىسەن، چۈنكى ھېچكىم سېنىڭ بۇزۇق مۇھەببىتىڭنى ئىزدەپ كەلمىدى؛ سەن ئۈستەك بەردىڭ، ھېچ ھەق ساڭا بېرىلمىدى ــ سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەكسىسەن!
ئۇ ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قوزغاتقان؛ ئۇلار ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەشەمەتلىك ساۋۇت، فورمىلارنى كىيگەن، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر ئىدى.
ئۇلارنىڭ زىناخورلۇق بىلەن تولغان كۆزلىرى گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئۈزۈلمەيدۇ؛ ئۇلار تۇتامى يوق كىشىلەرنى ئېزىقتۇرىدۇ؛ ئۇلار قەلبىنى ئاچكۆزلۈككە كۆندۈرگەن، لەنەتكە يېقىن بالىلاردۇر!