TSK

TSK · ئايۇپ 21:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛ تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ.  

مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى بىمەنە كۈنلىرىمدە كۆرۈپ يەتتىم؛ ھەققانىي بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدەك رەزىل بىر ئادەمنىڭ ئۆز رەزىللىكى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزاراتقانلىقىنى كۆردۈم.

دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر».

شۇ [كالدىي كىشى] ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ، ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛

يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى.