TSK

TSK · يۇھاننا 10:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر، موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛  

دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر.

بىراق ئۇ: ــ «مۇسا پەيغەمبىرىم! مېنىڭ خەلقىم!» دەپ ئەينى كۈنلەرنى ئەسلەپ توختىدى. ئەمدى ئۆز [پادىسى بولغانلارنى] پادىچىلىرى بىلەن دېڭىزدىن چىقىرىۋالغۇچى قېنى؟ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ قويغۇچى قېنى؟

ۋە بۇ ئادەم ئارام-خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە، بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى، سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛

ئۇلارنى سېتىۋالغانلار ئۇلارنى بوغۇزلىۋەتكەندە ھېچ گۇناھكار دەپ قارالمايدۇ؛ ئۇلارنى سېتىۋەتكەنلەر: «پەرۋەردىگارغا شۈكرى! چۈنكى بېيىپ كەتتىم!» ــ دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پادىچىلىرى ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ.

ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن.   

ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.

ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا.

ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،  

سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى.

چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.  

سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ ۋە يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ سىرى مانا مۇنداق ــ يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر.