TSK

TSK · يۇھاننا 3:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ.  

سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟

بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟

خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟

دېمەك، ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ،   

بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ.

سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.