TSK

TSK · يۇھاننا 3:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

تەڭرىنىڭ نەپىسى بىلەن مۇز ھاسىل بولىدۇ؛ بىپايان سۇلار قېتىپ قالىدۇ.

ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ. قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭگى شىمال تەرەپتىنمۇ پەيدا بولىدۇ؛ تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا دەھشەتلىك ھەيۋەت باردۇر. ھەممىگە قادىرنى بولسا، بىز ئۇنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز؛ قۇدرىتى قالتىستۇر، ئۇنىڭ ئادالىتى ئۇلۇغ، ھەققانىيلىقى چوڭقۇر، شۇڭا ئۇ ئادەملەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ.  

ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ، سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ.

چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بىرسىنىڭ تۇپراققا ئۇرۇق چاچقىنىغا ئوخشايدۇ:

ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى.

ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر.