TSK

TSK · يۇھاننا 6:68

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سىمون پېترۇس: ــ سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.  

مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر.

[ئىنسانغا] ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر.   

ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر.

چۆل-باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛

گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر.