لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا: — سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! — دېدى.
TSK
TSK · يۇھاننا 7:18
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي.
مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر.
ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى.
مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم.
سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس.
گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق.