TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 16:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى.

ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛

يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ.

«تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، دەريالاردىن سۇ كېچىپ ئۆت؛