TSK

TSK · لاۋىيلار 13:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، مانا، قولى پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.

ئۆينىڭ ئىگىسى كاھىننىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى مەلۇم قىلىپ: «مېنىڭ ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك كۆرۈنىدۇ»، دەپ مەلۇم قىلىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى.

شەھەر-يېزاڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىشقا ساڭا تەس كېلىدىغان بىر ئىش چىقسا، مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق-تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايغا بېرىڭلار.   

پەرۋەردىگار سېنى مىسىردىكى ساقايماس يارا-چاقىلىرى، چىقان-ھۈررەكلەر، تەمرەتكە، قىچىشقاق بىلەن ئۇرىدۇ.   

سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇن سەردارى نائامان ئۆز غوجىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ قەدىرلەندى ۋە ئىززەتلەندى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سۇرىيەگە نۇسرەتلەر بەرگەنىدى. ئۇ باتۇر جەڭچى بولغىنى بىلەن، لېكىن ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.

ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى.

شۇڭا رەب زىئون قىز-ئاياللىرىنىڭ باش چوققىلىرىنى تاز قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ».

ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى.  

ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر [قۇربانلىقنى] سۇنغىن، ــ دېدى.