TSK

TSK · لۇقا 13:32

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئى ئىسرائىل، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭ خۇددى خارابىلەر ئارىسىدا يۈرۈۋاتقان تۈلكىلەردەك بولدى.

ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛

پادىشاھ بۇنىڭغا ناھايىتى ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سۆزىدىن يانغۇسى كەلمىدى.

ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە،  

ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى.

مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم.

چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى.

چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى.