TSK

TSK · لۇقا 2:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.

لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى.

يۈسۈپمۇ داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى.  

ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.