TSK

TSK · ماركۇس 10:38

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛

چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [ئالامەت كۆرۈنۈشتە] مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛   

نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئايال ئۇنىڭغا: ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى.

ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى.  

ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛

شۇنىڭدەك، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا [مۇقەددەس] روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ چۈنكى قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگۈسىز نالە-پەرياد بىلەن بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلماقتا.