ئەمما پەرۋەردىگار پىرەۋن ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن تولىمۇ ئېغىر ۋابالارغا مۇپتىلا قىلدى.
TSK
TSK · ماركۇس 3:10
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى.
ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛
ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-خاتىرجەملىكتە قايت! كېسىلىڭنىڭ ئازابىدىن ساقايغىن، ــ دېدى.
ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى.
خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى.